بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر ئافرىقىدىكى 50 دۆلەتنىڭ رەھبىرى بېيجىڭدا خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، خىتاي رەئىس خۇ جىنتاۋ بۈگۈن ئافرىقىغا 3 يىل ئىچىدە بېرىلىدىغان قەرز مىقدارىنى 20 مىليارد دوللارغا چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
خۇ جىنتاۋ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قىلغان سۆزىدە «خىتاي ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن دۇنيادىكى كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنى، بايلارنىڭ يوقسۇللارنى بوزەك قىلىشىدەك ئەھۋالغا ئورتاق قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ھەمكارلىشىدۇ» دېگەن. ئەمما خىتاينىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە سېلىۋاتقان مەبلىغى بىلەن بىرلىكتە ئافرىقىلىق ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش ۋە مۇھىتنى بۇلغاشقا ئوخشاش مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى، ھەتتا مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنى قوللاپ، ئۇلارنىڭ خەلقنى باستۇرۇشىغا يانتاياق بولۇۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللار خەلقئارادا مۇنازىرە قوزغاپ كېلىۋاتقان ئىدى.
ب ب س نىڭ ئېيتىشىچە، ئافرىقا خىتاينى خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان مۇھىم مەنبە بولۇش بىلەن بىرلىكتە، خىتاينىڭ سۈپەتسىز ئەزان ماللىرىنى ساتىدىغان چوڭ بازىرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئافرىقىغا مەبلەغ سالغان خىتاي زاۋۇت-شىركەتلىرىنىڭ ئافرىقىلىق ئىشچىلارنى ئەمەس بەلكى خىتاي ئىشچىلارنى ئاپىرىپ ئىشلىتىش مەسىلىسىمۇ بۇ دۆلەتلەردە نارازىلىق قوزغىغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۈگۈن خىتاي باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ ئافرىقا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا خىتاينىڭ بۇندىن كېيىن ئافرىقىدىكى يەرلىك خەلق ئۈچۈن ئىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقى، مۇھىتنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.