خامىد كارزاي سايلام ئۆتكۈزمەكچى

ئافغانىستان پرېزىدېنتى خامىد كارزاي ئافغانىستاننىڭ پرېزىدېنت سايلىمىنى بۇ يىل 21 - ئاپرىلدا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئافغانىستان ئاساسىي قانۇنى بويىچە پرېزىدېنتنىڭ مۆھلىتى 5 يىل بولۇپ، كارزاينىڭ مۆھلىتى بۇ يىل 21 - مايدا توشۇدىكەن. بىراق فەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەردىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئافغانىستان سايلام كومىتېتى بۇ قېتىمقى پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ۋاقتىنى بۇ يىل 21 - ئاۋغۇستقا بەلگىلىگەن بولۇپ، ھامىد كارزاي ئەكسىچە 21 - ئاپرىل بولۇشىنى قارار قىلغان.

ھامىد كارزاي ئۆزىنىڭ بۇ قارارىغا ھەر قايسى سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى ۋە دىنىي رەھبەرلەر بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىن كەلگەن.

فەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ئەمما، ئامېرىكا ۋە ئافغانىستاندىكى ناتو كۈچلىرى بۇ سايلامنىڭ ئافغانىستانغا ئەۋەتىلىدىغان 17 مىڭ كىشىلىك قوشۇن يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاۋغۇست ئېيىدا ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەشەببۇس قىلغان. چۈنكى، ناتو سايلام مۇناسىۋىتى بىلەن ئافغانىستاندا قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىشىنى خالىمايدىكەن.