خانويدا خىتايغا قارشى يەنە نامايىش بولدى

پاراسىل ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئائىت تالاش-تارتىشتىن كېلىپ چىققان ۋيېتناملىقلارنىڭ خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى خانويدا يەكشەنبە كۈنى يېن يۈز بەردى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، نامايىشقا 200 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان بولۇپ، نامايىشچىلار خىتايغا قارشى لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، شوئارلارنى توۋلاپ ۋە ناخشا ئېيتىپ، خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا كېلىش يولىدا ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇپ قويۇلغان.

ساقچىلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىدىن كېيىن نامايىشچىلار ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كەتكەن.

ۋيېتناملىقلارنىڭ بۇ خىلدىكى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى خانويدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا بىر قېتىم يۈز بەرگەن ئىدى.
ۋيېتنام ھۆكۈمىتى 13-ئىيۇن جەنۇبىي پاراسىل تاقىم ئاراللىرى رايونىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئالدىنقى ئايدىن ئېتىبارەن ۋيېتنام بىلەن خىتاي، فىلىپپىن قاتارلىق ئەللەر ئارىسىدا جىددىي تالاش-تارتىش نۇقتىسى بولۇپ كېلىۋاتقان پاراسىل ئاراللىرى تەۋەسىدە خىتاي چارلىغۇچى پاراخوتى ۋيېتنامنىڭ بىر پاراخوتىغا ئىغۋا قىلىشى تۈپەيلىدىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدا پاراسىل ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىدى. بۇ ئاراللارنى ۋيېتنام ئۆزىگە تەۋە، خىتاينى تاجاۋۇز قىلغۇچى دەپ ئەيىبلىمەكتە. خىتاي بولسا مەزكۇر ئاراللارنى ئۆز تەۋەلىكىگە مەنسۇپ دەپ جاكارلىماقتا.