خې گوچياڭنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشى خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. خىتايچە ب ب س نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە كۆزەتكۈچىلەر، خې گوچياڭنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىنى، ئەرەب باھارى تەسىرىدىن خىتاي ھاكىمىيەت قاتلىمىدا شەكىللەنگەن ھاكىمىيەت يىقىلىش ئەندىشىنىڭ بىر پارچىسى دەپ قاراشماقتا.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خوڭكوڭلۇق پروفېسسور دىڭ شياۋلياڭ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ئەگەر خىتاي ھاكىمىيىتى پارلامېنت تۈزۈمىنى يولغا قويمىسا، چىرىكلىكنى ھەر قانچە قىلىپمۇ تۈگىتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇسسىلىن دەۋرىدىكى ئىتالىيە بىلەن شۇ دەۋرىدىكى ئەنگلىيىنى بىر-بىرىگە سېلىشتۇرۇپ، مۇسسىلىن ئەينى چاغدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش نىيىتى سەمىمىي بولغان بولسىمۇ، ئەنگلىيىگە ئوخشاش پارلامېنت ئارقىلىق نازارەت قىلىشنى يولغا قويمىغاچقا، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ تۈر ۋەقەلەردىن ئىبرەت ئېلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلغان.