ھېللارىي كلىنتون كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئامېرىكا - خىتاي ھەمكارلىقىغا توسالغۇ بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېللارىي كلىنتون خانىم جۈمە كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان 2 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى.

جەنۇبىي كورىيە پايتەختى سېئۇلدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدا مۇخبىرلارغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا ئۈزلۈكسىز بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن كلىنتون، لېكىن بۇ مەسىلىنىڭ يەر شارى ئىقتىسادى كرىزىسى، ھاۋا كلىمات ئۆزگىرىشى ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىغا توسالغۇ بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلغان.

كلىنتون خانىم مۇنداق دەيدۇ": كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەر نۆۋەتلىك )ئامېرىكا ( ھۆكۈمەتلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا بىر دەم قىزىپ، بىر دەم پەسىيىپ كەلگەن مەسىلە. بىز خىتايغا بۇ جەھەتتىكى بېسىمنى داۋاملاشتۇرىمىز." لېكىن كلىنتون خانىم نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددى مەسىلىنىڭ ئىقتىسادى كرىزىس، يەر شارى ھاۋا كىلىماتى ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، " بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى بېسىمىمىز يەر شارى ئىقتىسادى كرىزىس، يەر شارى ھاۋا كلىمات ئۆزگىرىشى ۋە بىخەتەرلىك كرىزىسىگە دەخلى قىلماسلىقى كېرەك" دېگەن.

كلىنتون شەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. ھېللارىي كلىنتون " بىز ئېلىپ بارىدىغان سۆھبەت يۇقىرىقى ھەر بىر مەسىلىدە ئۆز ‏- ئارا چۈشىنىش ھەم ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم " دەيدۇ.

خىتاي ھېللارىي كلىنتوننىڭ شەرقىي ئاسىيادا ئېلىپ بارغان بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى بولۇپ، ئۇ 22 ‏- يانۋار كۈنى ئامېرىكىغا قايتىدۇ.