خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش يىغىنى ۋەكىللەر تىزىملىكى مۇنازىرە قوزغىدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 19-يانۋار كۈنى يېقىندا ئېچىلىدىغان ئىككى يىغىن يەنى،12-نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋە 11-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تىزىملىكتىكى بېكىتىلگەن ۋەكىللەرنىڭ مىللىي تەركىپىدىكى نىسبەت ۋە ئىقتىسادى ۋە سىياسىي ساھەلەردىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرى سانىنىڭ زىيادە ئاز بولۇشى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇنازىرە قوزغىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان ۋەكىللەر تىزىملىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 11-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىدىغان 526 نەپەر ۋەكىلنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ۋەكىللىرى 150 نەپەر بولۇپ، ئومۇمىي ۋەكىلنىڭ 28.5% ئىنى ئىگىلىگەن؛12- نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان 550 نەپەر ۋەكىلنىڭ 241 نەپىرى ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولسىمۇ، ئەمما ئىقتىساد، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، پەن-تېخنىكا ساھەلىرىدىكى ۋەكىللەر ئىچىدە خىتاي مىللىتىدىن بولغان ۋەكىللەر نىسپىتىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن پەرقلىق ھالدا كۆپ بولۇشى، بۇ ساھەدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ سانىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي سانىغا نىسپەتلەشتۈرگەندە زىيادە ئاز ياكى يوق دېيەرلىك بولۇشى ئۇيغۇربىز قاتارلىق تور بېكەتلىرىدە مۇنازىرە قوزغىغان.

ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدە بۈگۈن 22-يانۋار ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلار ئىقتىسادى ۋە سىياسىي ساھەلەردىن چەتلەشتۈرۈلمەكتە»، «11-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋەكىللەر يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنى تۆۋەنلىدى» سەرلەۋھەلىك خەۋەرلەردە ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئورنىنىڭ بارغانچە تۆۋەنلەۋاتقانلىقى تەنقىدلەندى.