شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۇ تۈزۈم ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە مۇشۇ ئاينىڭ 1 -كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان. مەزكۇر مەھكىمىنىڭ 43 سوتخانىسىنىڭ ھەممىسىگە ئۈن-سىن ئۈسكۈنىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولغان. تۈزۈم بويىچە سوت جەريانى ئۈن ۋە سىنگە ئېلىنىپ ئوپتىكىلىق دىسكىغا كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن ئارخىپقا قويۇلغان. خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر تۈزۈمنىڭ غايىسى، دەۋاگەر ئوتتۇرا سوتنىڭ ھۆكۈمىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئالىي سوتقا ئەرز سۇنغاندا، ئوتتۇرا سوتتىكى جەرياننىڭ توغرا ۋە تولۇق ھالدا قايتا قاراپ چىقىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر.
خىتاينىڭ بۇ تۈزۈمگە ئالاقىدار خەۋەرلىرىدە، سوت جەريانىنى ئۈن-سىنگە ئېلىش تۈزۈمىنىڭ سىياسىي دېلولاردىمۇ يولغا قويۇلىدىغان- قويۇلمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلمىگەن. ئادەتتە خىتاي قانۇن ئورگانلىرى مىللىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەرگە چېتىشلىق دېلولاردا ھەر ۋاقىت قانۇندا بېكىتىلگەن ئۆلچەملەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ھۆججەتتە بەلگىلەنگەن ئۆلچەملەرگە ئاساسەن ئىش تۇتماقتا. ئەگەر ئۈن-سىنگە ئېلىش ۋە ئارخىپ قالدۇرۇش تۈزۈمى سىياسىي دېلولار ئۈچۈنمۇ يولغا قويۇلغان تەقدىردە، ئۇيغۇر رايونىدا بۈگۈن مۇتلەق كۆپ ساندىكى سىياسىي مەھبۇسلار دۇچ كېلىۋاتقان ئۇۋالچىلىقلارنىڭ كەلگۈسىدە ھېساب-سوراقسىز قالماسلىقى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارالماقتا.