ئارقانكەرگەن چېگرا پونكىتى ۋەقەسىدە ساق قالغان بىرى ئۆزىنىڭ قاتىل ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، قازاقىستاننىڭ خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئارقانكەرگەن چېگرا پونكىتىدا يۈز بەرگەن، 15 نەپەر چېگرا مۇھاپىزەتچىسىنىڭ 14ئى ئۆلتۈرۈلۈپ، كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ئۇشتۇمتۇت ۋەقەدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان بىر كىشى، بۈگۈن ئۆزىنىڭ قاتىل ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان.

ئۇنىڭ ئىسمى ۋىلادىسلاف چىلاك. قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىغان بىرخىل پسىخولوگىيىلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان.

ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، قازاقىستان دائىرىلىرى بۇ ۋەقەنى تۈنۈگۈنكى باياناتىدا، قازاقىستاننىڭ 15 نەپەر چېگرا مۇھاپىزەتچىسىنىڭ قايسى بىرى قىلغان دەپ تەسەۋۋۇر قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ھەتتا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇر سۇلتان نازاربايېفمۇ، بۇنى تېررورچىلارنىڭ ھەرىكىتى دەپ قارايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.