خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى كازافىي ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى، لىۋىيە رەھبىرى كازافىي ۋە ئۇنىڭ ئىككى يېقىن ئادىمى ئۈستىدىن «ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت» سادىر قىلىش سەۋەبلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەپتىش ئەمەلدارى لۇئىس مورىنو ئوكامپو، كازافىي ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سەئىف-ئۇل ئىسلام، ئىستىخبارات باشلىقى ئابدۇللا ئەل-سانۇسىلارنىڭ «پۇقرالارغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك ۋە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم» دا زور مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىگە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن لىۋىيە ھۆكۈمىتى خەلقئارا سوتنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىغا پىسەنت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لىۋىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خالىد كائىم خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «قورچىقى» دەپ ئەيىبلىگەن.

لېكىن، خەلقئارا سوتنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى ئوكامپونىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇلار 1200 دىن ئارتۇق داكۇمېنتنى كۈزدىن كەچۈرۈپ، 50 ئارتۇق گۇۋاھچى ۋە ئىچكى ئەھۋالنى بىلىدىغان كىشىلەرنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، كازافىينىڭ قورالسىز پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىشقا بىۋاسىتە بۇيرۇق بەرگەنلىكىدىن ۋاقىپ بولغان.

ئوكامپو، گوللاندىيىنىڭ گائاگا شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا «كازافىي قىسىملىرىنىڭ پۇقرالارغا ئۆي-تالا دېمەي ھۇجۇم قىلغانلىقى، نامايىشچىلارنى ئوققا تۇتقانلىقى، مېيىت نامىزىغا قاتناشقان جامائەتكە ئېغىر قوراللارنى ئىشلەتكەنلىكى، مەرگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامازدىن قايتقان كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى» نى ئەسكەرتىپ، كازافىينىڭ «بۇ جىنايەت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قالماقچى بولغانلىقى»نى تەكىتلىگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۆزىنىڭ لىۋىيىدە «ئۇرۇش جىنايىتى» ھەققىدىكى دوكلاتىنى 6‏-ئاينىڭ باشلىرى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە يوللىشى مۇمكىن.