خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى جەنۇبىي سۇدانغا قورال سېتىپ بېرىشنى توختىتىشقا چاقىردى

بۈگۈن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى جەنۇبىي سۇداندىكى ئۇرۇش قىلىۋاتقان تەرەپلەرنى قورال بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىگە يول ئېچىش بىلەن ئەيىبلىدى.

كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاساسلىق خىتاي، ئۇكرائىنىيە ۋە سۇداندىن ئىمپورت قىلىنىدىغان بۇ قوراللار ئۇرۇشنىڭ ئۇلغىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ھەر يىلى قوراللىق توقۇنۇش سەۋەبىدىن ئۆلۈۋاتقان ياكى سەرگەردان بولۇپ كېتىۋاتقانلارنىڭ سانى ئېشىپ بارماقتا.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئافرىقا ئىشلىرى دىرېكتورى ئېرۋىن ۋاندەر يۇقىرىدىكى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ «بۇ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى جەنۇبىي سۇداندىكى قوراللىق كۈچلەرنى ئىنسانىيەتكە ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا قارشى ئىشلىتىلىۋاتقان قوراللار بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشى كېرەك» دېدى.

ئالدىمىزدىكى دۈشەنبە كۈنى نيۇيوركتا ئېچىلىدىغان «خەلقئارا قورال-ياراق سودا ئەھدىنامىسى» يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتايغا قاراتقان تەنقىدىنى كۈچەيتتى. ئۇلار خەلقئارادا قورال-ياراق سودىسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، مەنئى قىلىنىدىغان قوراللار سانىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان مەزكۇر يىغىننى خىتايغا ئوخشاش قورال ساتقۇچى دۆلەتلەرنى تىزگىنلەيدىغان ياخشى بىر پۇرسەت دەپ قارىماقتا.