ئامېرىكا كابېل خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ نۆۋەت "خىمىيىۋى ئەلى" گە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى 1999 - يىلى باغداتتىكى شىئە مۇسۇلمانلىرىنى قىرغىن قىلىش قىلمىشىغا بېرىلگەن بولۇپ، سوت ئۇنىڭغا: "قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان" لىقى ئۇچۇن دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈش جازاسى بەرگەن.
ئەلى ھەسەن ئەل مەجىد، 2003 - يىلى ئامېرىكا ئىراققا بېسىپ كىرگەندە قولغا چۈشكەن بولۇپ، "خىمىيىۋى ئەلى" نامى ئۇنىڭغا، 1989 - يىلى شىمالى ئىراقتىكى كۇردلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشتا زەھەرلىك گاز ئىشلىتىش پىلانى تۈزۈپ 100 مىڭچە كۇرد خەلقىنى قەتلە قىلغانلىقى ئۈچۈن بېرىلگەن لەقەم بولۇپ، ئۇ مەزكۇر جىنايىتى ئۈچۈن 2007 - يىلى بىر قېتىم ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان ئىدى.
ئەلىگە يەنە، 1991 - يىلى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنى قەتلە قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن 2 - قېتىم ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.
"خىمىيىۋى ئەلى" گە بېرىلگەن ئۆلۈم جازالىرى سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن كېچىكتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ نۆۋەتتە ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ قولىدا.