خېنەندە بىر مېيىپ كىشى پۇقرالارغا قارشى پارتلىتىش ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان

خېنەننىڭ كاڭخې ناھىيە بازىرىدا، تۈنۈگۈن 30 ياشلار چامىسىدىكى بىر مېيىپ كىشى، بازاردا توپلىشىپ تۇرغان كىشىلەرگە قارىتىپ پارتلىتىش ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.11.05

مەلۇم بولۇشى ھۇجۇمچى ئۆزى يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىغان بومبىنى بېلىگە تېڭىپ ئۈچ چاقلىق مېيىپ ھارۋىسى بىلەن ناھىيە بازىدىكى بىر قايناق نۇقتىغا يېتىپ كەلگەن، ئاندىن بېلىدىكى بومبىنىڭ پىلىكىنى تارتقان. نەتىجىدە قاتتىق پارتلاش يۈز بېرىپ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە يەنە بىر كىشى ئۆلگەن؛ ئاياللارمۇ ئىچىدە 9 كىشى يارىلانغان.

رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مېيىپ كىشى، ئۆزىگە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېرىلىۋاتقان تۆۋەن كاپالەت پۇلىنى بىر قىسىم كادىرلارنىڭ قاقتى-سوقتى قىلىۋالغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتتىكى چىرىكلىككە قارىتا غەزىپى تېشىپ مەزكۇر ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان.

ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلار ئەتراپنى قورشاۋغا ئېلىپ دېلو تەكشۈرۈشنى باشلىغان. ئەمما دائىرىلەر ھازىرغا قەدەر، پۇقرالارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھۇجۇمنى تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ قارايدىغان ياكى قارىمايدىغانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.