خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى ب د ت نى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىگە ئارىلىشىشقا چاقىردى

مەركىزى گېرمانىيىدىكى «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى» قەشقەر «يېڭى بازار ۋەقەسى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى ۋە ب د ت دىن ۋەزىيەتكە ئارىلىشىشنى تەلەپ قىلدى.

مەزكۇر تەشكىلات ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى نەۋى پىلايغا خەت يېزىپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىپ، بىر ئوق-دورا ئامبىرىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، بىراق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنى چۈشەندۈرۈشى زىددىيەتلىك بولۇپ، كىشىنى ئىشەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى، ب د ت نىڭ دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، زوراۋانلىقنىڭ ئىلگىرىلەپ كۈچىيىشىدىن ساقلىنىشىنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى يۈز بەرگەن زوراۋانلىقنى «تېررورچىلار» نىڭ پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى» نىڭ مەسئۇلى ئۇلرېخ دۇلىئۇس ئاگاھلاندۇرۇپ، «نۇرغۇن ئالامەتلەر زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئېيتقاندەك چەتئەلدىكى تېررورچى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمى بولماستىن، بەلكى رايوندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ غەزەپ-نەپرىتى ۋە تاللاش يولى قالمىغانلىقنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلماقتا» دەپ تەكىتلىگەن.

«خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى» يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەشقەر شەھەر رەستىلىرىنى چېقىپ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ 70% ئىنى كۆچۈرمەكچى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشنى ئىلگىرىلەپ ئاسانلاشتۇرماقچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.