خىتاي باياناتچىسى خۇڭ لېي، بۈگۈن بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىلارى كلىنتوننىڭ 4-5 سېنتەبىر كۈنلىرى بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىقلارنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، كىلىنتون خانىمنىڭ خىتاي زىيارىتى خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ياپونىيە قاتارلىق قوشنا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئارال مەسىلىسىدىكى تالاش-تارتىشلار كۈچىيىپ، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەن ۋەزىيەتكە توغرا كەلگەن. نۆۋەتتە ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇ مانېۋىرنىڭ خىتاينى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ياپونىيە باش ۋەزىرى نودامۇ 24-ئاۋغۇست جۈمە كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ياپونىيىنىڭ مەيدانىنى بىلدۈرۈپ، «سېنكاكو ئارىلى ياپونىيىنىڭ زېمىنى، ياپونىيە ھازىرمۇ بۇ ئاراللارغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۆز زېمىنى ھەم خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا مەسئۇل بولىدۇ، ئارالنى قوغداش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىنىدۇ» دېگەن ئىدى.