كلىنتون خانىم باشار ئەسەدنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى سەۋەبلىك ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم جۈمە كۈنى سۈرىيە پرېزىدېنتى باشار ئەسەدنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قىلغان بۇزغۇنچىلىقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشنى توختىتىش چاقىرىقىغا قۇلاق سالمىغانلىقى سەۋەبلىك ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كلىنتون خانىم بۇ سۆزلەرنى جۈمە كۈنى تۇنىستا 70 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات بىرلىشىپ چاقىرغان «سۈرىيىنىڭ دوستلىرى» ناملىق خەلقئارا يىغىندا تەكىتلىگەن.

ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە غەرب ئەللىرىنى ئاساس قىلغان تۇنىستىكى يىغىندا، سۈرىيە دائىرىلىرىدىن بارلىق زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىپ، سۈرىيە ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان رايونلارغا خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشكە يول قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئەرەب ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاخباراتىدا يەنە، سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئورگىنى-سۈرىيە مىللىي كېڭىشىنى سۈرىيە خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىن-بىر قانۇنىي ئورگان، دەپ ئېتىراپ قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي بىلەن رۇسىيە يېقىندا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيە ھەققىدىكى قارارىنى رەت قىلىپ، سۈرىيە ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىشىغا ئىلھام بەرگەن.

ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ يېقىنقى بىرقانچە كۈندىن بۇيان خۇمۇس شەھىرىگە قوزغىغان نۇقتىلىق ھۇجۇمى خەلقنى ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى.

سۈرىيە مىللىي كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى ئادنان مانسېر تۈنۈگۈن خىتاي بىلەن رۇسىيىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلار «ئەسەد يوقالغاندىن كېيىن ئەرەب دۇنياسى بىلەن بولىدىغان كېلەچەكتىكى مۇناسىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىشى كېرەك» دېگەن.