ھېللارى كلىنتوننىڭ سۆزى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرىنى ھەيران قالدۇردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارى كلىنتوننىڭ كىشىلىك ھوقۇق خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىققا توسالغۇ بولماسلىقى كېرەك، دېگەن سۆزى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە تىبەتنى قوللايدىغان گۇرۇھلارنى ھەيران قالدۇردى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلار مەسئۇلى ت. كۇمار كلىنتوننىڭ سۆزىدىن"چۆچۈگەنلىكنى ۋە ناھايىتى ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى"نى بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا "ئامېرىكا خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ھەقىقى تىركىشەلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى،" دەپ تەكىتلىگەن ت. كۇمار " لېكىن كلىنتوننىڭ كىشىلىك ھوقۇق باشقا ئىشلارغا توسالغۇ بولماسلىقى كېرەك، دېگەن سۆزى ئامېرىكىنىڭ كېلەچەكتىكى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئىشلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ،" دېگەن.

مەركىزى نيۇيوركتىكى ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى بولسا ھىلارى كلىنتوننىڭ سۆزىنى خىتايغا خاتا سىگنال بەرگەنلىك، دەپ تەنقىد قىلدى. ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى تەنزىن دورجى " ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بېيجىڭنىڭ كۈن تەرتىپنى بېكىتىشىگە يول قويماسلىقى كېرەك"، دەيدۇ.

كلىنتون خانىم جەنۇبىي كورىيە پايتەختى سېئۇلدا كىشىلىك ھوقۇقى خىتاي بىلەن "يەر شارى ئىقتىسادى كرىزىسى، ھاۋا كىلىماتى ۋە بىخەتەرلىك كرىزىسى جەھەتتىكى ھەمكارلىقلارغا توسالغۇ بولماسلىقى كېرەك" دېگەن ئىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار كلىنتون خانىم ئاسىيا زىيارىتىنى باشلاشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا خەت يېزىپ، خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.