خېللىرى كلىنتون خانىم خۇجىنتاۋ بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خېللىرى كىلىنتون خانىم بۈگۈن خۇجىنتاۋ ، ۋېنجاباۋلار بىلەن كۆرۈشتى. ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خۇجىنتاۋ ئۇنىڭ خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا مۇھىم تۆھبە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋېن جاباۋ بولسا، ئوباما پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن خىتاي - ئامېرىكا ھەمكارلىقىدا ئورتاق كۆز قاراشنىڭ يۇقۇرى پەللىگە يەتكەنلىكىنى مەدىھىيىلىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خېللىرى كىلىنتون خانىم بىلەن خىتاي دائىرىلىرى، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىشىپ دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىملاشقا ۋە ھاۋا كىلىماتى ئۆزگىرىىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى تەرەپ ئۇزۇندىن بۇيان كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھازىچە قايرىپ قويۇشقا قوشۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە 20 يىل، دالاي لامانىڭ ۋەتەنسىز بولۇپ قالغانلىقىغا 50 يىل توشقان بۇ يىلدا ئەۋج ئېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ھەرىكەتلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقان شارائىتتا، خېللىرى كىلنتون خانىمنىڭ قىلغان بۇ سۆزلىرى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. ئۇلار كىلىنتون خانىمنى خىتايدا ئەركىنلىكنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان خاتا سېگنال بەردى، دەپ تەنقىتلىدى.