خىللارىي كلىنتون خانىم، بۇ ئايدا تۇنجى قېتىملىق ئاسىيا ئەللىرى زىيارىتىنى باشلايدۇ

يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىللارىي كلىنتون خانىم، بۇ ئاي ئۆزىنىڭ تۇنجى ئاسىيا ئەللىرى زىيارىتىنى باشلايدىغان بولۇپ، ئۇ بۇ نۆۋەت خىتاي ، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولىدۇ.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، جەنۇبىي كورېيە تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى، نۆۋەتتە ۋاشىنگتون ۋە سېئۇل دائىرىلىرىنىڭ خىللارىي كلىنتون خانىمنىڭ ھۆكۈمەت زىيارىتى ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ھەمدە زىيارەتنىڭ مۇشۇ ئاي ئىچىدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما كونكرېتنى ۋاقتىنى ئاشكارىلىمىغان.

خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، كلىنتون خانىمنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا زىيارىتى ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەر بىلەن شىمالىي كورېيە كوممۇنىستلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يادرو قوراللىرى سۆھبىتى كېچىكتۈرۈلگەن ھەمدە شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورېيە مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلەشكەن ۋاقىتقا توغرا كەلگەنلىكى دىققەتكە سازاۋەر نۇقتا ئىكەن.