ئامېرىكا ھازىر شىمالىي كورىيىگە ئاشلىق ياردەم بېرىش ئالدىدا تۇرماقتا

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ دىپلوماتىيە كومىتېتى تۈنۈگۈن، يېقىندا شىمالىي كورىيىنىڭ ۋاشىنگتوندىن يېمەك تەلەپ قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلىرىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ۋە ئامېرىكا ئەمدى، شىمالىي كورىيىگە ئاشلىق ياردەم بېرىشكە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى قايتىدىن باھالىشى كېرەك دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

جەنۇبىي كورىيە ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە بۈگۈن ياۋروپا دۆلەتلىرىگىمۇ (بەزىلىرىگە بىۋاسىتە، بەزىلىرىگە ئۆزىنىڭ ئەلچىخانىلىرى ئارقىلىق) ئۇچۇر يەتكۈزۈپ، ئاشلىق ياردەم بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمەلىيەتتە، شىمالىي كورىيىدە ئۆتكەن ئايدىن باشلاپلا، يېمەك قەھەتچىلىكى يۈز بەرگەن، بىر قىسىم خەلق ئوت-چۆپ يەپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان ئىدى.