خىتايدىن چىقىدىغان «خەلق گېزىتى» دە نەقىل قىلىشىچە، يۇقىرىقى سان بۇ يىل» شىنجاڭ سىنىپلىرى» يېڭى ئەۋەتىلگەن 8 مىڭ 330 ئوقۇغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا - قىشلاقلىرىدىن كەلگەن ئىكەن.
«شىنجاڭ سىنىپلىرى» 2000 - يىلىدىن باشلاپ تەسىس قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، ھازىر بۇ سىنىپلارنىڭ سانى جەمئىي 85 كە، بۇ خىلدىكى سىنىپلار تەسىس قىلىنغان شەھەرلەر 44 كە يەتكەن.
خىتاي 2000 - يىلى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» يىلىغا مىڭ ئوقۇغۇچى يوللىغان بولۇپ، بۇ يىل بۇ سان بىراقلا 8 مىڭ 330 غا ئۆستۈرۈلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىنى ئالىي مائارىپ سىستېمىسىدىن چىقىرىپ تاشلىغىنىغا بىر نەچچە يىل بولۇپ قالدى. يېقىنقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي 2015 - يىلىغىچە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇش پىلانى بويىچە «قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمى» نى كۈچەپ يۈرگۈزمەكتە ئىكەن.
بۇ ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنى قاتتىق ئەندىشىگە سېلىۋاتقان مەسىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار مەزكۇر سىياسەت ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىگە ئېغىر تەھدىت سالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.