30-ماي كۈنى خەلق سارىيىدا چاقىرىلغان يىغىنغا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باش مىنىستىر ۋېن جاباۋ قاتارلىقلار قاتناشتى.
مەزكۇر يىغىنغا يەنە سىياسىي بيۇرو ئەزاسى بو شىلەي ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋەزىپىسىدىن يىراقلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغان ھەمدە يۇيۇقسىزلا 18-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ئۇيغۇر ئېلىدىن ۋەكىل قىلىپ كۆرسىتىلگەن، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جوۋ يوڭكاڭمۇ قاتناشقان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پەن-تېخنىكا، خەلق تۇرمۇشى، ئىقتىساد، مائارىپ ۋە سەھىيە ساھەسىدە زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھەم «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى» نىڭ روھىنى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى 5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» نى چاقىرىپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شوئارىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇيغۇر ئېلىنى 19 ئۆلكە ۋە شەھەرنىڭ ياردەم بېرىشىگە تەقسىملەپ بەرگەن ئىدى. بېيجىڭ دائىرىلىرى، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە رايونغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زورلۇقىنى داۋاملىق يۇقىرى باھالىماقتا.
بىراق، ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، 19 ئۆلكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىشى يەرلىك خەلققە نەپ بېرىشنىڭ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ ياشاش ئىمكانىيىتىنى تېخىمۇ تارلاشتۇرۇپ، بۇ جايدىكى خىتاي كۆچمەن نوپۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقىنى ئاشۇرۇۋەتمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرى ۋە پىكىرلىرىگە نىسبەتەن قاتتىق بېسىم كۆرسىتىپ، زەربە بېرىش داۋاملىق كۈچەيتىلمەكتە.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى» نى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تالان-تاراج قىلىش، كۆچمەن يۆتكەش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپتىن ۋە مەمۇرىي ساھەلەردىن قوغلاپ چىقىرىپ، خىتاي تىلىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، قەدەممۇ-قەدەم ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ھەرىكىتى دەپ قارىماقتا.
خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى» ئېچىلىپ، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، خوتەن، قاغىلىق ۋە باشقا جايلىرىدا يەنە بىر قاتار نارازىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىپ، رايوندىكى نارازىلىق، تەڭسىزلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشنىڭ يەنىلا ئېغىرلىقىنى ئىسپاتلىدى.