يېڭى ياردەم بېرىش دولقۇنىغا ئاساسەن ئىچكىرىدىكى 19 ئۆلكە-شەھەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېچىش تۈرلىرىنىڭ سانى ۋە مىقدارى ۋە يۆتكىلىدىغان ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ سانى ئاشۇرۇلىدىكەن.
شىنخۇانىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە بىرلىكتە كەلگەن 40 قا يېقىن زاۋۇت-كارخانا رەھبىرىنى كۈتۈۋالغاندا قىلغان سۆزىدە، قەشقەرنى ھۆددىگە ئېلىۋالغان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنى بۇ يەردىكى خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئېلىپ بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يولغا قويۇشقا چاقىرغان.
خەۋەردە «بۇ قېتىملىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يېڭى دولقۇنىنىڭ ئاساسىي نىشانى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بولىدۇ» دېيىلگەن ۋە ئىچكىرىدىن چىققان زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ 140 تىن ئوشۇق تۈر بويىچە ئىش باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئەمما رادىئومىز يەرلىك خەلقلەردىن ئالغان ئىنكاسلاردىن، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىنىڭ يەرلىك خەلقلەرگە تېخى بىر ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلمىگەننىڭ ئۈستىگە، يەرلىك خەلقلەرنىڭ يېرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.