شىنخۇانىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى جاڭ چۈشەن بېيجىڭدا ئۇيغۇر ئېلىدىن يىغىنغا كەلگەن ۋەكىللەرنى توپلاپ يىغىن چاقىرىپ، 3 - قېتىملىق ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن ھەمدە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىنى مەدھىيىلىگەن. ئۇ، سۆزىدە بۇ قېتىمقى يىغىننى «مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىكىنى ئىلگىرىلىتىشتىكى يەنە بىر قېتىملىق ھەرىكەتلەندۈرۈش، يەنە بىر قېتىملىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە يەنە بىر قېتىملىق بەلگىلەش» دەپ كۆرسەتكەن.
بۇ قېتىمقى خىزمەت يىغىنىغا بو شىلەي ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك دېگەن سۆزلەر تارقالغان سىياسىي قانۇن كومىتېت سېكرېتارى جوۋ يوڭكاڭمۇ قاتنىشىپ، مەخسۇس يىغىننىڭ خۇلاسە سۆزىنى سۆزلىگەن. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇقىملىقنى كۈچەيتىپ، گۈللەنگەن سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش چاتىرىقىنى قىلغان.
خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ 3« - قېتىملىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى» 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئۈچ يىل توشۇش ھارپىلىرىغا توغرا كەلدى.