دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى "بۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى بېسىمنى ئاشۇرىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ" دېدى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى سوت مەھكىمىلىرى ئۇيغۇر ئېلى سوت سىستېمىسىغا "ئىختىساسلىق خادىم يېتىشتۈرۈش، دېلو بىر تەرەپ قىلىش ۋە قانۇن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ساھەلەر" بويىچە ياردەم بېرىدىكەن.
دىلشات رىشىت سۆزىدە، سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي بويىچە ئەڭ كۆپلۈكى ۋە ناھەق ئۆلۈم جازالىرىنىڭ ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن بۇ خىل ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە "ياردەم" بېرىشى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار مەسىلىسىدە تېخىمۇ قاتتىق قول سىياسەت قوللىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
