خىللارى كىلىنتون تۈركىيە بىلەن سۈرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، گەرچە بۈگۈن خىتايدا، رۇسىيە بىلەن خىتاي رەھبەرلىرى ئوخشاش ئاۋاز چىقىرىپ، چەتئەللەر ھەر قانداق شەكىل بىلەن باشقا دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشسا، ئۇنىڭغا بىرلىشىپ قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى خىللارى كىلىنتون يەنىلا سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان ئەڭ ياخشى چارىنى تۈركىيە بىلەن مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا ماڭدى.

خىللارى كىلىنتون خانىم سەيشەنبە كۈنى گرۇزىيە پرېزىدېنتى ساكاشۋىلى بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، قارا دېڭىز بويىدىكى باتومى پورتىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئون كۈندىن بۇيانقى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە قارىغاندا، ئەمدى سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئۆزگەرتىلمىسە، دۇنيا تىنچىمايدۇ، دۇنيادا ئادەمنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىمۇ قالمايدۇ، بۇ مېلىنى قانداق ھەل قىلىشنى ئىستانبۇلدا تۈركىيە بىلەن مەسلىھەتلىشىمەن، بۇ سۆھبەتكە ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىئوردانىيە، ئەرەب خەلىپىلىكى ۋە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ دىپلوماتلىرى قاتنىشىدۇ، دەپ جاكارلىغان ئىدى.