دارامسالادىكى مەزكۇر تىبەت مەھبۇسلار ھوقۇقى تەشكىلاتى 14 - مارت لخاسا ئىسيانىغا چېتىلىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 2 تىبەتلىك ئەركەك بىلەن بىر ئايالنىڭ چارشەنبە كۈنى خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"نى ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىرغا ئارتقانغا ئوخشاشلا 2008 - يىلى 14 - مارتتا يۈز بەرگەن لخاسا ۋەقەسىنى تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاماغا ئارتقان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى شۇ قېتىمقى ۋەقەدە 21 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە ئۆلگەنلەرگە ئىسيانچىلارنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.
لېكىن دارامسالادىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن تىبەتلەرنىڭ سانى 200 دىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. تىبەتلىك سابىق مەھبۇسلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان مەھبۇسلار ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتى "يېقىندىن بېرى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تىبەتلەرنى تۇتقۇن قىلىشى سەۋەبىدىن لخاسا ۋەزىيىتىنىڭ يەنە جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكى"نى ئەسكەرتىپ، لخاسادا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان "بۇ ھەرىكەت 2008 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىسيانغا قاتناشقان تىبەتلەرنى باستۇرۇش ھەرىكىتى" ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ يىل 4 - ئايدىكى خەۋەرلىرىدە ئىككى تىبەتلىكنىڭ ئۆتكەن يىلقى ۋەقە سەۋەبىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.