خىتاي دائىرىلىرى يەنە 40 ئادەمنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى جۈمە كۈنى 5 ‏ - ئىيۇلدىكى "ئۈرۈمچى ۋەقەسى" قاتناشقان، دەپ گۇمان قىلغان ئۇيغۇرلاردىن قولغا ئېلىنغان يەنە 40 كىشىنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قولغا ئېلىنغان يۇقىرىقى 40 نەپەر كىشىنىڭ 3 نەپىرى خىتاي بولۇپ، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئالدىنقى كۈنى 253 ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بۇ كىشىلەرنىڭ "ئۈرۇمچى ۋەقەسى" گە قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. شۇنىڭدىن بىر كۈن كېيىن ئارىسىدا ئىككى ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 نەپەر ئۇيغۇر بىلەن بىر خىتاي ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان.

خىتاي تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان بۇ 14 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تىزىملىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردە جىددىي گۇمان قوزغاپ، تىزىملىكتىكى بەزى كىشىلەرنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىشتىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن قولغا ئېلىنغانلىقىنى، بۇ ئەھۋال خىتاي تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان كىشىلەرنىڭ ئاقىۋىتىگە نىسبەتەن شۆبھە پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى جۈمە كۈنى ۋەقەدە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى سوتلاش ئىشىنىڭ 8 ‏ - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.