چەتئەللەردە خىتاينىڭ 60 يىللىق تارىخى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ

ئۆز مۇخبىرىمىز خەۋىرى: چەتئەللەردە خىتاينىڭ 60 يىللىق تارىخى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ.

بۈگۈن 'بوشۈن'، 'خىتايغا نەزەر'، 'كۆزۈتۈش ژۇرنىلى' قاتارلىق خەلقئارادا كەڭ تارقىلىدىغان تور گېزىتلىرىدە ۋە تەيەۋەن، خوڭكوڭلاردا چىقىدىغان گېزىت - ژۇرناللاردا، خىتاينىڭ 60 يىللىق تارىخى ھەققىدە يېزىلغان 'خىتاي 60 يىللىقىنى دەككۈ - دۈككىدە ئۆتكۈزدى'، 'جوڭگوغا قارشى كۈچلەر دېگەن زادى كىم؟'، 'ئاتمىش يىلدىن بۇيانقى قانلىق باستۇرۇش ھەققىدە بايان '، 'كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئاتمىش يىلىنى تەبرىكلەش نۇمۇس' سەرلەۋھىلىك ئوبزورلار ئېلان قىلىندى.