ئۇيغۇر ئىلىدىكى دىن تارقىتىش پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك خرىستيان دىنىي گۇرۇھلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر ئوسمان ئىمىننى ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى قويۇپ بەرگەن بولۇپ، يەرلىك تەپتىش ئورگانلىرى ئوسمان ئىمىنغا 10 - 15 يىلغا قەدەر قاماق جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ مەزكۇر دىلوغا بولغان دىققەت نەزىرى سەۋەبىدىن ئوسماننىڭ جازا مۇددىتىنى قىسقارتقان.
ئوسمان ئىمىن تۇنجى قېتىم 2004 - يىلى خوتەندە قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن شۇ يىلى 11 - ئايدا جەرىمانە تۆلەش بىلەن قويۇپ بېرىلگەن. لېكىن 2007 - يىلى 11 - ئايدا قايتا قولغا ئېلىنىپ، " دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى" بىلەن جازالانغان. دائىرىلەر ئۇنىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشىنى رەت قىلىپلا قالماي، ئۇنىڭ ھۆكۈمگە نارازى بولۇپ سۇنغان ئەرزىنىمۇ رەت قىلغان ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندا تۈرلۈك دىنىي ئېتىقادلارنى باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن. قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىئومىزدا ئېلان قىلغان مەزكۇر دىلو توغرىسىدىكى باياناتىدا " ئوخشىمىغان دىنىي ئېتىقادلار رايوندا ئۇزۇندىن بېرى چەكلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى مەقسەت دىنسىزلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتۇر،" دېگەن.