نيۇ-يورك شەھىرىگە جايلاشقان «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق» تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار تۈرمىسىگە قاماقلىق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى گاۋ جىشېڭنىڭ ئىنىسى ۋە قېيناتىسى 12-يانۋار ئۇنى يوقلىغان. گاۋ جىشېڭنىڭ ئايالى گېڭخۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئەقلى-ھوشى جايىدا ئىكەن.
بۇ، گاۋ جىشېڭ تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئۇ تۈرمىگە قامالغاندىن بۇيان ئىككىنچى قېتىم يوقلاش رۇخسىتى ئېلىشى. گاۋنىڭ ئائىلىسى ئۇنى 2011-يىلى دېكابىردا بىر قېتىم يوقلاپ كەلگەن ئىدى.
گاۋ جىشېڭ 2006-يىلى «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ جازاغا تارتىلغان، كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، 2009-يىلى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. 2011-يىلى ئۇنىڭ شايار تۈرمىسىگە قامالغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.