خىتاي ئادۋوكاتلارنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشىگە يول قويۇلمىغان

خىتاي ئادۋوكاتلارنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشىگە يول قويۇلمىغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، جاڭ تيەنيوڭ، ۋە لى سۇبىن قاتارلىق ئىككى نەپەر خىتاي ئادۋوكات شەنبە كۈنى ئامېرىكىغا بېرىپ، ئامېرىكىدىكى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، سوتچىلار ۋە بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن يولغا چىققاندا خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى بۇ ئادۋوكاتلارنى توسۇپ قالغان.

ئادۋوكات جاڭ تيەنيوڭ شاڭخەي ئايروپورتىدا، ئادۋوكات لى سۇبىن، بېيجىڭ خەلقئارا ئايروپورتىدا توسۇپ قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆكتىچى ۋە پائالىيەتچىلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇشنى، ليۇ شاۋبوغا بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلگەندىن تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، بۇ نۆۋەت توسۇپ قېلىنغان ئادۋوكاتلارنى ئامېرىكىدىكى "خىتايغا ياردەم" فوندى جەمئىيىتى تەكلىپ قىلغان. "خىتايغا ياردەم" جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جەمئىيەت ھەر يىلى خىتايدىن ئادۋوكات ۋە باشقا ساھەدىكى شەخسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت خادىملىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈدىكەن.

"خىتايغا ياردەم" جەمئىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى بوب فۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قىلمىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەت تەكلىپ قىلىنغان ئادۋوكاتلار، بۇ يىل نويابىردا ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان پارلامېنت سايلىمىنى كۆرۈش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغانىكەن.