ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىر "ۋۇتەيشەندە" ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لى خېپىڭ ئۇنىڭدىن ۋۇتەيشەندە نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى سورىغاندا، گاۋ جىشېڭ ئۆزىنىڭ ئالتە ئاي ئىلگىرى قويۇپ بېرىلگەنلىكى، ھازىر ھەممە يەرلەردە ئايلىنىپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
ب ب س ئاگېنتلىقىغا بۇ ئۇچۇرنى خەۋەر قىلغان ئادۋوكات لى خېپىڭ گەرچە گاۋ جىشېڭنىڭ تېلېفون سۆزلىشىۋاتقاندا يېنىدا ساقچى يوقلۇقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يەنىلا ئەندىشىلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىن ئۇنىڭ يېنىدا ساقچىلارنىڭ بارلىقىنى ھەس قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گاۋ جىشېڭ يەنە، "مەن ئەمدى بىر مەزگىل تىنچ تۇرمۇش كەچۈرەي دەپ ئويلاۋاتىمەن،" دېگەن.
گاۋ جىشېڭ 2006 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىدىغان پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن بىر قېتىم "دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش" جىنايىتى بىلەن 3 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن 2009 - يىلى، 2 - ئايدا ساقچى دائىرىلىرى ئۇنى قايتىدىن تۇتۇپ كەتكەندىن بۇيان ئىز - دېرىكى بولمىغان ھەمدە گاۋ جىشېڭ ھەققىدىكى ئىنكاسلار كېڭىيىپ خەلقئارا جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلانغان ئىدى.
خەلقئارا ئىنسان ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇنىڭ ئىز -دېرىكىنى سۈرۈشتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق نەتىجە چىقمىغان،ئەمما يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ "ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى" ھەققىدە شەپە بەرگەن، بىراق گاۋنىڭ ئائىلە -تاۋابىئاتلىرى ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگەن.
3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا ئەنگلىيە تەرەپ گاۋ جىشېڭنىڭ ئەھۋالىنى سورىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويغان. بۇ كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغان ئىدى. مانا ئەمدى گاۋ جىشېڭنىڭ تۇيۇقسىز "ۋۇتەيشەندە" ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇر ئۇنىڭ ئوز ئاغزىدىن چىققان بولسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر تېخى ھازىرغىچە بىرەر ئادۋوكات ياكى ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىگەنلىكى ئۈچۈن گاۋ جىشېڭنىڭ ئەھۋالىنىڭ يەنىلا سىر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.