خىتاي ئۆتكەن يىلى يوقاپ كەتكەن ئادۋوكات گاۋجىشېڭنىڭ 'شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى'نى بىلدۈردى

ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىغا جايلاشقان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان "دىئالوگ" فوندىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، بىر يىلنىڭ ئالدىدا غايىپ بولۇپ، ئىز - دېرىكى بولمىغان، ھوقۇق قوغدىغۇچىسى، ئادۋوكات گاۋجىشېڭنىڭ ھازىر شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯜﺩﯞﺍﺭ
2010-02-14
Share

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى بۇ ئۇچۇرنى خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ تەمىنلىگەنلىكىنى، بىراق گاۋ جىشېڭنىڭ قانداق بولۇپ "شىنجاڭغا بېرىپ خىزمەت قىلىپ قالغانلىقى" ھەم قاچاندىن بېرى شۇ يەردە ئىكەنلىكىگە ئائىت تۈرلۈك سوئاللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرگەن.

ئادۋوكات گاۋجىشېڭنىڭ يوقاپ كېتىشى مەسىلىسىگە خەلقئارا جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن ئۇنىڭ ئائىلە تاۋىئاباتى، ۋەتىنىدىن قېچىپ چىقىپ، ئامېرىكىدا سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئىكەن. نەتىجىدە، بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن گاۋجىشېڭنىڭ "شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى" مەلۇم قىلىنغان.

گاۋجىشېڭ ئىلگىرى خىتايدىكى يەر ئاستى خرىستىيان دىنى جەمئىيەتلىرى ۋە فالۇنگوڭچىلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ 2007 - يىلى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، قاتتىق قىيناشقا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.

گاۋجىشېڭ يەنە 2006 - يىلى چەتئەل تور بەتلىرىدە 9 پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، "ئاغدۇرمىچىلىق قىلدى" دەپ ئەيىبلىنىپ، تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن. ئۇ، ئۆتكەن يىلى 2 - ئايدا شەنشى ئۆلكىسىدىكى ئۆيىدىن غايىپ بولغان. ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن گاۋجىشېڭنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلغان.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت