ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى بۇ ئۇچۇرنى خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ تەمىنلىگەنلىكىنى، بىراق گاۋ جىشېڭنىڭ قانداق بولۇپ "شىنجاڭغا بېرىپ خىزمەت قىلىپ قالغانلىقى" ھەم قاچاندىن بېرى شۇ يەردە ئىكەنلىكىگە ئائىت تۈرلۈك سوئاللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرگەن.
ئادۋوكات گاۋجىشېڭنىڭ يوقاپ كېتىشى مەسىلىسىگە خەلقئارا جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن ئۇنىڭ ئائىلە تاۋىئاباتى، ۋەتىنىدىن قېچىپ چىقىپ، ئامېرىكىدا سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئىكەن. نەتىجىدە، بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن گاۋجىشېڭنىڭ "شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى" مەلۇم قىلىنغان.
گاۋجىشېڭ ئىلگىرى خىتايدىكى يەر ئاستى خرىستىيان دىنى جەمئىيەتلىرى ۋە فالۇنگوڭچىلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ 2007 - يىلى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، قاتتىق قىيناشقا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.
گاۋجىشېڭ يەنە 2006 - يىلى چەتئەل تور بەتلىرىدە 9 پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، "ئاغدۇرمىچىلىق قىلدى" دەپ ئەيىبلىنىپ، تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن. ئۇ، ئۆتكەن يىلى 2 - ئايدا شەنشى ئۆلكىسىدىكى ئۆيىدىن غايىپ بولغان. ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن گاۋجىشېڭنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلغان.
