خىتايدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ 40% كېچىسى تالاغا چىقالمايدىغانلىقى ئاشكارىلاندى

خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان «2012-يىللىق جەمئىيەت مۇلازىمىتى كۆك تاشلىق كىتابى» دىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتايدىكى سەككىز چوڭ شەھەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە خىتايدىكى شەھەر پۇقرالىرىدىن تەخمىنەن 40% ئاھالە بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ كېچىسى تالاغا چىقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆك تاشلىق كىتابتا بايان قىلىنىشىچە، كېچىسى تالاغا چىقىشتىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن شەھەر ئاھالىلىرى خىتايدىكى بايلىق تەقسىماتىدىكى تەڭسىزلىك سەۋەبىدىن كەمبەغەل، باي پەرقى چوڭىيىپ، بايلاردا مۈلكىدىن ۋە ئۆز بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەش تۇيغۇسى كۈچەيگەن، ئەمەلدارلار بولسا ئۆزىدىكى چىرىكلىك، پارىخورلۇق قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن پۇقرالارنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرەش ئىچىدە ياشايدىغان بولۇپ قالغان، كىرىمى تۆۋەن شەھەر ئاھالىلىرىدا بولسا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۆي چېقىش، يەر ئىگىلىۋېلىش، ئىش ھەققىنى تۇتۇۋېلىش قاتارلىقلار ھەرىكەتلىرىدىن نارازى بولۇش سەۋەبلىك ئۆچ ئېلىش كەيپىياتى بارغانچە ئەۋج ئالغان بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىدا ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ھەر ۋاقىت ئەنسىرەش ئىچىدە تۇرىدىغان پسىخىك ھالەت كۈچەيگەن.

دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدىكى دوختۇرخانا قاتارلىق مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ خىزمەتتىكى سەۋەنلىكى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا داۋالاش جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ دوختۇر-سېستىرالارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ئەھۋاللىرى بارغانچە كۆپەيگەن.