خىتاي ئالىي سوتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق دوكلاتىدا 2009 - يىلى مەزكۇر مەھكىمىنىڭ جەمئىي 13318 دېلو قوبۇل قىلغانلىقى ۋە 11749 دېلونى بىر تەرەپ قىلغانلىقى بايان قىلىنغان. ئەمما بۇ يىل ئىچىدىكى زور ۋە سەزگۇر دېلولار تىلغا ئېلىنمىغان. خىتاي ئالىي سوتى بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى يىللىق دوكلاتىنى ئاخباراتقا ئاشكارىلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كۆزەتكۈچىلەر، بۇ باياناتنى ئەدلىيە سىستىمىسىدىكى جامائەت پىكرىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش جەھەتتە، يېتەرلىك بولمىسىمۇ، ئالدىغا قاراپ بېسىلغان ئىجابىي بىر قەدەم دەپ قاراشماقتا.