5 - ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتتە سۆز قىلغان خىتاي ئالىي سوت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي باشقارما باشلىقى جوئۇزېمىن قەشقەر ئوتتۇرا سوتىنىڭ خىزمەت نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولسا، ئۆزىنىڭ قەشقەر سوتىغا بەرگەن باھاسىدا " ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ مۇقىملىقنى كۈچەيتىشكە ھەسسە قوشۇشىنى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ئورنىغا قويۇپ، ' ئۈچ خىل كۈچلەر' قاتارلىقلارغا قاتتىق زەربە بېرىشىنى" تەلەپ قىلدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ھەر قايسى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قەشقەر ئوتتۇرا سوتىدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىنى قارار قىلغان.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر نەپەر قانۇن خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، قەشقەر قاتارلىق ئۇيغۇرلار كۆپ جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى ئەزەلدىن سىياسىي ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغانلارنى قاتتىق جازالاش پوزىتسىيىسى تۇتۇپ كەلگەن بولۇپ، قەشقەر ئوتتۇرا سوتى بېيجىڭ ئولىمپىكى ھارپىسىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەرگە نىسبەتەن قاتتىق جازالاش ھۆكۈملىرى چىقارغان بولۇپ، بۇ قەشقەر سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت كۆرسىتىشىگە شارائىت ياراتقان ئىكەن.