خىتاي ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەنقىدىنى رەت قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئاخىرلاشقان كۈنى سۆھبەت ئېلان قىلىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ «ئېغىر دەرىجىدە ئارقىغا چېكىنگەنلىك» تەنقىدىگە ئىنكاس قايتۇردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە سۆزلەشكە ئەڭ لاياقەتلىك خەلق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ئۆكتىچى زات ۋە سەنئەتچى ئەي ۋېيۋېينىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى ئاقلىدى.

بېيجىڭدىكى ئىككى كۈنلۈك دىئالوگنىڭ ئامېرىكا تەرەپ سۆھبەت يېتەكچىسى مايك پوزنېر پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئۆكتىچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى باستۇرۇشىدىن «قاتتىق ئەندىشە» قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شۇنداقلا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ «ئېغىر دەرىجىدە ئارقىغا چېكىنگەنلىكى» نى تەنقىد قىلغان ئىدى. لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئەسكەرتىپ، «جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى سۆزلەشكە جۇڭگو خەلقى ئەڭ لاياقەتلىك. جۇڭگو ئەدلىيە ئورگانلىرى دېلولارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن.

خىتاينىڭ باياناتىدا ئەسكەرتىلىشىچە، جۇڭگو تەرەپ «كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى پەقەت تەڭ-باراۋەرلىك، ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش روھى بويىچە ئېلىپ بېرىلغاندىلا ئىجابىي ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىدۇ» دەپ قارايدىكەن.

خىتاي تەرەپنىڭ باياناتىدا يەنە، ئىككى تەرەپنىڭ «ب د ت دىكى كىشىلىك ھوقۇق ھەمكارلىقى، قانۇننىڭ رولى، پىكىر ئەركىنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردە كەڭ دائىرىلىك پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى» نى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن يىغىندا ئامېرىكا تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئەي ۋېيۋېينىڭ قولغا ئېلىنىشى قاتارلىق كونكرېت دېلولارنى تىلغا ئالمىغان.