ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىدە خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئىسپات يىغىنى ئېچىلدى

3 - ئاۋغۇست ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىدە خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا بىر قىسىم گۇۋاھچىلار ۋەزىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن باشقا، ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرمۇ مەركۇز تىمىدا پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە 2008 - يىلىدىن باشلاپ ئارقىغا چېكىنىش بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ جەرياندىكى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە جازالاشتا، ئاساسلىقى، ئاز سانلىق مىللەت پائالىيەتچىلىرى، خىتاينىڭ تۈزۈلمىسىگە قارشى ئۆكتىچىلەر ۋە ئۇلارنى قوغدىغۇچى كىشىلىك ھوۇقۇق پائالىيەتچىلىرى بولۇپ 3 كاتېگورىيىدىكى كىشىلەرنىڭ نۇقتىلىق زەربە نىشانى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇتەخەسسىسلەردىن سوپىيە رىچاردسون خانىم، ئوباما ھوكۇمىتىنى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە، يالغۇز خىتاي بىلەن پەرقلىق مەيدانىنى ساقلاپ قېلىش بىلەنلا چەكلەنمەسلىككە ۋە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى. ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئۆتكۈزگەندە، ئومۇمى ۋەزىيەت ھەققىدىلا توختالماي، كونكرېت دېلولارنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى، نۇقتىلىق شەخسلەرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا ھوكۇمىتى ۋە دۆلەت مەجىلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى، " ئەگەر خىتاي مەدەنىي دۇنيانىڭ بىر ئەزاسى بولۇشنى خالىسا ۋە ياكى خەلقئارا مەسىلىلەردە يېتەكچى دۆلەتلەر قاتارىغا ئۆتمەكچى بولسا، چوقۇم ئۆزىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيەتىنى ئوڭشاش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.