خىتاي ئامېرىكىنىڭ 2011-يىللىق ھەربىي دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى
2011.08.26
ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كەلگۈسى خىتاي تەھدىتىگە قارىتا ھوشيار بولۇشقا قارىتا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدى. دوكلاتتا، بۇ ئېھتىماللىقنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، خىتاينىڭ يېقىندا تەرەققىي قىلدۇرغان ئاۋىئاماتكا قاتارلىق ھەربىي ئەسلىھەلىرى، ئالەم بوشلۇقى سەپەرلىرى ۋە يىللىق ھەربىي خىراجەتلىرى پاكىت قىلىپ كۆرسىتىلگەن.
بۈگۈن خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، پەنتاگوننىڭ مەزكۇر دوكلاتىدىن قاتتىق نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. خىتاي تەرەپ باياناتىدا، پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ خىتاينىڭ ھەربىي قوراللىرىنىڭمۇ ئىلغارلىشىۋاتقانلىقىنى، ئايرىلغان ھەربىي خىراجىتىنىڭمۇ پەقەتلا مۇداپىئە مەقسەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
باياناتتا يەنە پەنتاگون دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەندىشە ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلارنى پۈتۈنلەي ئاساسسىز دەپ كۆرسەتتى.
رويتىرسنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە گەرچە پەنتاگوننىڭ دوكلاتى خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان بولسىمۇ، ئىككى تەرەپنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدە خىتاي تەرەپنىڭ ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر ئىكەنلىكى، شۇڭا بۇ نارازىلىقنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىشىشىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.