ئامېرىكا ئەلچىسى: ئاسىيا رايونىدا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان ئامېرىكا ھەربىي مەۋجۇتلۇقى خىتايغىمۇ پايدىلىق

ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گاري لوك شەنبە كۈنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكسىيە سۆزلەپ، ئاسىيا رايونىدا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان ئامېرىكا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ خىتايغىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.


ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى خىتاي ئاخباراتلىرىدا ئامېرىكىغا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەر كۈچەيگەن ۋە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

گاري لوك مۇنداق دېدى: بىز شۇنىڭغا قاتتىق ئىشىنىمىزكى، بىزنىڭ بۇ يەردىكى مەۋجۇتلۇقىمىز رايوندىكى بارلىق دۆلەتلەرگە پايدىلىق ھەمدە رايوننىڭ ھايتى كۈچىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈنمۇ كېرەكلىك.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بىزنىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىمىز ھېچقانداق بىر دۆلەتكە قارىتىلمىغان.

ئامېرىكا دائىرىلىرى خىتاي بىلەن دېڭىز تەۋەلىكى بار دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، خىتاي ئاخباراتلىرى ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن دوست بولۇش ۋە ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق خىتاينى مۇھاسىرىگە ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئامېرىكىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.