باياناتچى خۇڭ لېيىنىڭ بۇ ئىنكاسى تۈنۈگۈن 200 ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ئاۋسترالىيىنىڭ دارۋىن شەھىرىدىكى ھەربىي بازىغا قاراپ يولغا چىقىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئامېرىكا تىنچ ئوكياندىكى كۈچىنى ئاشۇرۇش پىلانىغا ئاساسەن، ئاۋسترالىيىدىكى ھەربىي بازىغا 2500 ھەربىي ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. چارشەنبە كۈنى بۇلارنىڭ تۇنجى تۈركۈمى يولغا چىققان ئىدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ خەۋەر، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ كۈندىن - كۈنگە زورىيىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان خىتايغا قوشنا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى مەمنۇن قىلغان.
خىتاي بولسا ئامېرىكىنىڭ ئاۋسترالىيىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلىقىدىن قاتتىق نارازى. خىتاي مەتبۇئاتلىرى كۆپ قېتىم بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكىنى سوغۇق ئۇرۇش پىسخىكىسى بويىچە ئىش قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.