ھەربىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئوبامانىڭ ھەربىي خامچوتنى ئازايتىش پىلانى قارشىلىقلارغا ئۇچراۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا غەربىي تىچ ئوكياندىكى ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىشى مۇمكىن ئىكەن.
مائىك مۇللىننىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ راۋاجلىنىشى، خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيىسىنى كۈچەيتىشىگە ئاساس سېلىۋاتقان بولۇپ،خىتاينىڭ ھازىرقى نىشانى ئامېرىكا ئىكەن.مائىك مۇللىن سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىشىچە، خىتاي بۇ يىل 3 - ئايدا ھەربىي خامچوتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ يىلقى سەرپىياتى 700 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن. يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيانقى خىتاينىڭ ھەربىي ئىشلار چىقىمى ئىككى ھەسسىلىك سان بۇيىچە ئېشىپ بارماقتا.
