گېنېرال شۈ سەيخۇ خىتاينىڭ ھەربىي خىراجىتىنىڭ يۇقىرى ئەمەسلىكىنى، مەسىلەن، ئامېرىكىنىڭ يىللىق ھەربىي خىراجىتى 4.8% يۈكسەلگەن بولسا، خىتاينىڭ پەقەت 1.4% يۈكسەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە سوئاللارغا جاۋابەن، خىتاينىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇساپىسىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ تېنچ ئوكياندىكى ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا تەھدىت ئەمەسلىكىنى بايان قىلغان.
شۈ سەيخۇنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتى، ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىدىن 2 ھەپتە ئاۋۋالغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا ۋە بۇ زىيارەت داۋامىدا ئامېرىكا - خىتاي ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. ئامېرىكا يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىدىكى خۇپىيانىلىكنى تەنقىد قىلىپ كەلمەكتە ۋە بۇنى ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا - تېنچ ئوكيان رايونىدىكى مەنپەئەتىگە تەھدىت دەپ قاراپ كەلمەكتە.
شۈ سەيخۇنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى 31 - ئۆكتەبىرگە قەدەر داۋاملىشىدۇ، بۇ جەرياندا ئۇ ئامېرىكىنىڭ جورجىيە، نېبراسكا، نېۋادا ۋە ھاۋاي شىتاتىدىكى ھەربىي بازىلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ. خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، گېنېرال شۈ سەيخۇ ئۈچۈن تەييارلانغان كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى تۈنۈگۈنكى يامغۇرلۇق ھاۋا سەۋەبىدىن بىكار قىلىنغان.