روبرت گېيتس خىتاي بىلەن بولغان 'ھەربىي دىئالوگدىكى بىر باشلىنىپ - بىر توختاپ قالىدىغان ئەھۋالنى ئاياقلاشتۇرۇش كېرەك' دەپ كۆرسەتكەن

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ ۋاشىنگتوندىن بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىىك ھەربىي ئەمەلدارى تۈنۈگۈن بەش بۈرجەك بىناغا كەلگەندە، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىسىتىرى روبرت گېيتس 'ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا بىر باشلىنىپ - بىر توختاپ قالىدىغان بۇنداق ھەربىي دىئالوگ ئەھۋالىنى ئاياقلاشتۇرۇش كېرەك' دەپ كۆرسەتتى.

بەش بۈرجەكلىك بىنانىڭ ئاخباراتچىسى گېئوف موررېلنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبرت گەيتس خىتاي بىلەن بولغان بۇنداق ھەربىي دىئالوگنى ئاياقلاشتۇرۇش كېرەك دېگەن پىكرىنى، تۈنۈگۈن خىتاي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئازادلىق ئارمىيە گېنېرالى شۈ سەيخۇ بىلەن 75 مىنۇت سۆزلەشكەندىن كېيىن جاكارلىغان. بۇ دىئالوگتا روبرت گېيتس، ھەربىي كۈچىنى كېڭەيتكەندىن كېيىنكى خىتاي ھەربىي قىسىملىرى بىلەن ئۆز - ئارا پىكىرلىشىپ تۇرۇش لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما شۈ سەيخۇ خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرغانلىقى پەقەت ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈنلا دەپ گەپ يورغىلاتقان ئىدى.

ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي دىئالوگ، ئامېرىكا 2006‏ - يىلى تەيۋەنگە 6 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق قورال ساتقاندىن كېيىن، خىتاي تەرىپىدىن توختىتىپ قويۇلغان ئىدى. بۇ يىل يەنە قايتىدىن باشلانغان دىئالوگتىمۇ خىتاينىڭ تۇترۇقسىز گەپلىرى قولاققا ياقمىغاندىن باشقا، ھېچقانداق ئەمەلىي مەزمۇندىكى كېلىشىم ياكى پىكىر بىرلىكى ھاسىل بولمىغان ئىدى.