جەنۇبىي كورىيە ئامېرىكا بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، ئىران بىلەن نېفىت سودىسىنى ئازايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پرېزىدېنت ئوباما ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئىرانغا ئىلگىرىلەپ ئېمبارگو قويۇپ، ئېمبارگونى ئىران بىلەن نېفىت سودىسى قىلغان دۆلەتلەرگە كېڭەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئېمبارگو پىلانى ئىراننى يادرو قوراللار پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش بولسىمۇ، بىراق ئېمبارگو ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى ئېنېرگىيىدە ئىرانغا تايىنىدىغان ئىتتىپاقداشلىرىغا تەسىر قىلىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت ئىدى.
خىتاي ئىراندىن نېفىت ئىمپورت قىلىدىغان ئاساسلىق دۆلەت. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر پىلانىغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، «جۇڭگو ئەزەلدىن تارتىپ بىر دۆلەتنىڭ ئۆز ئىچكى قانۇنىغا ئاساسەن باشقا بىر دۆلەتكە بىر تەرەپلىمىلىك ئېمبارگو قويۇشىغا قارشى تۇرۇپ كەلدى. قىسقىسى، مەزكۇر ئېمبارگو ئارقىلىق 3 - بىر دۆلەتنى بىر تەرەپلىمىلىك جازالاش قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەن.
لېكىن ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گەرچە خىتاي ئىران ۋە باشقا ھەرقانداق بىر دۆلەتتىن نېفىت ئىمپورت قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق يەنە بىر تەرەپتىن ئىراندىن نېفىت ئىمپورت قىلىشنى ئاستا - ئاستا ئازايتقان.
ئامېرىكا خىتاينى نېفىت ئىمپورتىدا باشقا دۆلەتلەرگە يۈزلىنىشكە چاقىرىپ كەلگەن ئىدى. خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بۇ يىلنىڭ باشلىرى پارس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەرگە قىلغان زىيارىتىدە، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن خىتايغا نېفىت ئېكسپورتىنى كۆپەيتىپ، ئۇنىڭ كەم قالغان قىسمىنى تولۇقلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.