ئامېرىكا - خىتاي ئىستراتېگىيىلىك دىئالوگى ئارقىلىق سەككىز تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالانغان

يېقىندا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا، خىتاي پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى مەسىلىسى، ئىراننىڭ يادرو قورال مەسىلىسى، كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالى قىلىش مەسىلىسى ئاساسى مەزمۇن قىلىپ ئۆتكۈزۈلگەن ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد دىئالوگى ئارقىلىق، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 26 مەسىلىدە ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلىنغان.

رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد دىئالوگى جەريانىدا، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە، مۇھىت، پەن - تېخنىكا، تاموژنا، سەھىيە، قانۇننى ئىجرا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە 8 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالانغان.