ئامېرىكا ئەمەلدارى: ئامېرىكا - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا (خىتاي) بىئارام بولىدىغان مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى

ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسى جون خۇنتىسمەن جۈمە كۈنى مۇخبىرلارغا ئامېرىكا - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ئىككى كۈنلۈك دىئالوگ جەريانىدا كىشىنى "بىئارام قىلىدىغان" مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىئالوگ باشلىنىشنىڭ ئالدىدا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىئالوگدا ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

خۇنتىسمەن، "بۇنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر دىئالوگ" ئىكەنلىكى، بۇ دىئالوگ "ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كۆپ قىرلىقلىقى"نى نامايەن قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. خۇنتىسمەن ئىككى كۈنلۈك ئامېرىكا -خىتاي دىئالوگىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى سۆھبەتكە قاتناشقان. ئۇ دىئالوگدا قانداق كونكرېت مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنە "بىز كىشىنى بىئارام قىلىدىغان مەسىلىلەرنى سۆزلەشتۇق. سۆھبەت دوستانە ئۆتتى. لېكىن بۇ سۆھبەت بىزنىڭ بەزى كونكرېت مەسىلىلەرنى سۆزلىشەلەيدىغانلىقىمىزنىڭ ئىسپاتى. بۇ بىزنىڭ قانۇننىڭ رولى، دىنىي ۋە ئەمگەك مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا سۆزلىشەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ" دەپ تەكىتلىدى.

خۇنستىسمەن، ئامېرىكا - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى كىشىنى "بىئارام قىلىدىغان" مەسىلىلەردە نەتىجىگە ئېرىشىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئامېرىكا ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى پوزنېر، جۈمە كۈنى كەچتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، ئامېرىكا - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگ توغرىسىدا مەلۇمات بېرىدۇ.