خىتاي، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جياڭ يۈ بۈگۈن، ئامېرىكا تەرەپنىڭ دارىمسالادا تىبەت داھىسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي باياناتچى سۆزىدە، ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ھەر قانداق يەردە، ھەر قانداق نام ئاستىدا دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشىگە قارشى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ باش مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى بولغان Valerie Jarrett يەكشەنبە ۋە دۈشەنبە كۈنلىرى ھىندىستاننىڭ دارىمسالا شەھىرىدە تىبەت داھىسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى. كۆرۈشۈشكە يەنە ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Maria Otera مۇ ئىشتىراك قىلغان.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 11 ‏ - ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلماقچى. دالاي لاما يېقىندا ئۆزىنىڭ ئۆكتەبىردە ۋاشىنگىتوننى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا باراك ئوباما بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. شۇڭا ئوبامانىڭ باش مەسلىھەتچىسى ۋە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تۈنۈگۈن ۋە ئۈلۈشكۈنلەردە دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشى، ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىدىكى سۆھبەت تېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالماقتا.

تىبەت داھىسى دالاي لاما بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھەر قېتىملىق چەتئەل زىيارىتى، مەزكۇر دۆلەتلەر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئاغرىنىش ۋە سۈركۈلۈشلەرگە سەۋەب بولماقتا. خىتاي، فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكىنى ئۈچۈن، بۇلتۇر ياۋروپا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتىنىشىشنى بىكار قىلغان؛ رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىنى زىيارەت قىلغاندا توكيودىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ ئەكەتكەن ئىدى.