دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 10 نەپەر ئەزاسى، ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسىگە مەكتۇپ يوللاپ، چېن گۇاڭچېڭنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە چاقىرغان. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە ئائىلىدىكى خاتىرجەملىكىگە كېپىللىك قىلىش مەقسىتىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىشكە چاقىرغان. بۇلارنىڭ مەكتۇبىدا چېڭ گۇاڭچېڭنىڭ جاسارەتلىك بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئادالەتسىز سوتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى مۇخبىرلارغا باش ئەلچى Huntsman نىڭ مەزكۇر مەكتۇپنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ۋە پات يېقىندا، بېيجىڭ دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، چېن گۇاڭچېڭنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ بۇ تۈر پائالىيەتلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە. ئامېرىكا تەرەپ بولسا بۇنى، خىتاينىڭ خەلقئارا كېلىشملەردە بەرگەن ۋەدىسىنى سۈرۈشتە قىلىش ۋە يوللۇق ھالدىكى ئارىلىشىش دەپ بىلدۈرمەكتە.